5- ئاينىڭ 5- كۈنى، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى «2022- يىللىق <ئەڭ گۈزەل ئون يېزا تاشيولى> قاتارلىقلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلەر تىزىملىكى توغرىسىدىكى ئاشكارىلاش ئېلانى»نى ئېلان قىلدى، ئاشكارىلاش ۋاقتى 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى گەزلىك بازىرىنىڭ سېرىق توغراق كەنتىدىن سۇبېشى كەنتىگىچە بولغان (Y534) يول 2022- يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئون يېزا تاشيولى»غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلەر تىزىملىكىگە كىردى.
Y534 نومۇرلۇق يېزا يولى سۇباش سۇ ئامبىرىدىن باشلىنىپ سۇبېشى كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 14.67 كىلومېتىر بولۇپ، سۇباش دەرياسى جىلغىسىدىكى مەنزىرە بەلبېغىنى بويلاپ ئۆتىدۇ. قاتناشنىڭ ياخشىلىنىشى ئىككى كەنتنىڭ يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى «قاتناش + ساياھەت» يېڭى يولى ئېچىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى كۈچلۈك قاتناش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ 949 قاتناش رادىيوسى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى