مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئۇنداقتا، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تۈرتكە بولۇش كېرەك؟ «ياشانغانلار، بالىلار» بازىرىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قەيەردە؟
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتىدا تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەش، ياشانغانلار كۆپىيىش، رايونلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئازىيىشىدا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتەك يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلىتىمىزدىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 280 مىليونغا يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ياشانغانلارنىڭ سانى 300 مىليونغا يېتىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى ھازىرلىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: ياشانغانلار بازىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار فۇنكىسىيەلىك يېمەكلىك بازىرى، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت بازىرى، ياشانغانلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بازار ئېھتىياجى كۆلىمى ۋە تەمىنلەش ئارزۇسى ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر-يېزىلارنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش ۋە ياشانغانلار ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان ئىجتىمائىي قىممەت بايلىقى قوشۇلۇپ، ياشانغانلار ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 429 شەھەر «ياشانغانلار، بالىلار» ئومۇمىي ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەڭ ئائىلىلەرنىڭ كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، سىياسەت تەدرىجىي ھالدا ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ جەھەتكە قاراپ يۈزلەندى، بولۇپمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ مۇتلەق ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى قاتارلىق بازارلارنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى