ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فېي شۈەن خەۋەر قىلىدۇ) «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى بىر ياشقا كىردى! 2022-يىل 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى رەسمىي تورغا چىقىرىلغان بولۇپ، قىسقىغىنا بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە، سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي مەسىلىلىرى ھەل قىلىندى. «تورغا چىقىپ سىردىشىش، توردىن چۈشۈپ مۇلازىمەت قىلىش» «توردىكى مەسىلىلەرنى تور سىرتىدا ھەل قىلىش»، سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى ئالاقە تورى ئارقىلىق «خەلقنىڭ ئەھۋالى جۇغلانغان جاي» بەرپا قىلىنىپ، تور ئەھلى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى» سېلىندى.
بىر ياش، سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى ئەمدىلا باشلاندى.
بۈگۈن سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى رەسمىي ھالدا سىزنى تەكلىپ قىلىدۇ: «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى ئارقىلىق قىيىنچىلىقلارنى ئىنكاس قىلىش، مەسىلىلەرنى ئەرز-شىكايەت قىلىش، ئۇچۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش، ياردەم تەلەپ قىلىش جەريانىدا، سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىز بولسا، ياكى سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىگە قانداق پىكىر-تەكلىپىڭىز بولسا، سۆز قالدۇرۇش، باھا بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىزگە ئېيتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئاڭلايمىز، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، سىزنىڭ «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلىرىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
چېكىپ باھا بېرىڭ: تورغا چىقىرىلغىنىغا بىر يىل بولدى، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى سىزنى پىكىر بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ
ياكى ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ سۆز قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ