2023-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرى دىڭنەن ناھىيەسى لىشى بازىرى جەيشاڭ كەنتىدە، قاتار-قاتار شامال كۈچى گېنېراتورى تاغلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
جەن جىچېڭ فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىڭنەن ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېگىز تاغنىڭ مول شامال كۈچى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شامال ئېلېكتىر كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايوننىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى