ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يول تورىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت نۆلدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شۇنداقلا ئادەتتىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يول يۈرۈشى رۇخسەت قىلىنىدىغان موتسىكلىتلاردىن يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدىكەن.
«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىدا يول تورى ئېقىم مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن، ئاۋات مەنزىرە رايونلىرىغا بارىدىغان ئەتراپتىكى يول بۆلەكلىرى، ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، دەم ئېلىشنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدا ۋە قايتىش مەزگىلىدە قاتناش مىقدارىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدىكەن، باشقا ۋاقىتلاردا يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈش داۋاملىشىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىدىكى قاتناش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 12 مىليون ئاپتوموبىل قېتىمغا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىكى قاتناش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 4 مىليون 547 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا، يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون 217 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا، تىجارەت خاراكتېرلىك يوللاردىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 220 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن.
بايرام مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردىكى قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنى ئاساس قىلغان سەپەرگە چىقىش زىچ ئاپتوموبىل ئېقىمى شەكىللىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتوموبىللار ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ بولىدىغان ۋاقىت ئاساسلىقى سائەت 10دىن 12گىچە، سائەت 15تىن 17گىچە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلىشىدىكەن؛ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، بولۇپمۇ 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 15تىن 20گىچە، قايتقان ئاپتوموبىللار ئېقىمى سىجىل ئاشىدىكەن ۋە يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدىكى چوققا قىممەتكە يېتىپ، يول تورى يۈرۈشۈشىدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا ئايلىنىدىكەن.
شىنجاڭ قاتناش تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر ھەقسىز ۋاقىت بۆلىكى ئاخىرلىشىش ئالدىدا يەنىلا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئورنى ۋە ۋاقتىغا ئاساسەن، يېقىن ئەتراپتىكى ھەق ئېلىش پونكىتىنى تاللاپ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدىن ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ چىقىپ، ھەقسىز سىياسەتتىن ئەڭ زور چەكتە بەھرىمەن بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.