تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر كىتاب ئوقۇش كۇرسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ما شىڭرۇي، ۋاڭ گوشېڭ سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر كىتاب ئوقۇش كۇرسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، چېن ۋېيجۈن، لى نىڭپىڭ، جارۇللا ھېسامىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مەزگىللىك ئۆگىنىش ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىش، ئىگىلەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە ئۆمۈرلۈك زۆرۈر دەرسلىكى، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرى، ئىلمىي سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي سادىقلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش، روھىي جەھەتتىن چېنىقىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىدار - قابىلىيەتنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پىكىر يولى تېپىپ، جاۋاب تېپىپ، چارە تېپىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يېتىلدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ، تەدبىرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەلەپچان، راستچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىلى يولسىز بولۇش، قوپال بولۇش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش، يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەننىڭ كۆزىنى بوياش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي تەلەپ، تۈپ ۋەزىپە ۋە كونكرېت نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش كەيپىياتى، ئىشلەش كەيپىياتى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇردى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىلنى بېيىتىپ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر بولۇشىغا، ئەمەلىي بولۇشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، جانلىق ئۆگىنىش، جانلىق ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە قەتئىي ئېتىقادقا، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتكە، خەلقچىل ھېسسىياتقا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېقىندا ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ بىر ھەپتىلىك ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سەككىز خىل ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.