تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك

زۇمرەت ئوبۇل بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار نەن دېڭ، چېن سىمىن خەۋەر قىلىدۇ: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا داۋالىنىش كاپالىتىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىلىق نازارەت قىلىش خىزمىتى قاراپ چىقىلىدۇ ھەم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش قانات يايدۇرۇلىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بۇ قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، زۇمرەت ئوبۇل دورا بىلەن تەمىنلەش، ئامبۇلاتورىيەدە ئاتچوت قىلىش، كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنى راسچوت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئەنگە ئېلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش، داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرنى دەل جايىدا تولۇقلاش، شىنجاڭنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

بورتالا ئوبلاستىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتكەندە، زۇمرەت ئوبۇل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ جەمئىي قالدۇقى، دورىلارنى مەركەزلىك مىقدارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش كاپالىتى ئاممىۋى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىدە ساقلانغان ئەمەلىي مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى ۋە ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھەقىقىي تۈزۈپ چىقىپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى سىجىل پۇختىلاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈش ئۈچۈن، زۇمرەت ئوبۇل يەنە دىققەتنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالاتاۋ شياڭخې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تاموژنا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئامبىرى، شىنجاڭ ليەنيۈ داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ 2 - قارارلىق ھاۋا پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش رايونى، جىڭ خەلقئارا تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى باغچا رايونى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قانداق قىلىپ يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

زۇمرەت ئوبۇل يەنە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن ئەسلىي سايلىغۇچى ئورۇنغا بېرىپ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە بورتالا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى ۋە كىرگىنجو كوچىسى مىڭجۇ مەھەللىسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقىلىشىش پونكىتىدا ۋەكىللەر پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋەكىللەر سايلىغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش پونكىتىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك.

مۇقىيات جارمۇقاممەت، مۇتەللىپ روزى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.