تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنى ھەم 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى​

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2 - ئومۇمىي يىغىنى ھەم 2023 - يىللىق 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 1 - پەسىلدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مۇلازىمەت كەسپى سىجىل ياخشىلىنىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەر يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بۆلەك رايونى يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونىغا ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ تېزلىتىپ، كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سانائەتتە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ تېزلىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالتۇن مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېزدىن ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى كۈچەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كېڭەيتىپ، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئەتىگەنلىك بازار، كەچلىك بازارلارنى جانلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلا قېتىمدا بېجىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكىلەر ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، لى نىڭپىڭ، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.