تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

بىڭتۇەن 12 ـ شى:

يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 ـ شى 104 ـ تۇەن چارۋىچىلىق ليەنىدىكى «گۈل بازىرى»غا كىرگىنىمدە، قاتار ـ قاتار پارنىكلاردىكى ھەرخىل گۈللەر بەس ـ بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. گۈل ئۆستۈرگۈچى ليۇ شېڭكۇينىڭ پارنىكىدا 20 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق جۈنزىلەن گۈلى ھۆپپىدە ئېچىلغانىدى.

«بۇ يوپۇرماقلارغا قاراڭ، توغرىسىغا قارىسا يەلپۈگۈچتەك، تىك قارىسا بىر سىزىقتەك كۆرۈنىدۇ، تومۇرى كۆك، ساپىقى سېرىق، دېمەك ياخشى ئۆستى.» ليۇ شېڭكۇينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ يىل گۈل ـ گىياھلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ياخشى بولۇپ، 1 ـ پەسىلدە ئۇنىڭ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

104 ـ تۇەن چارۋىچىلىق ليەنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ نەنسەن تېغى مەنزىرە رايونىغا يانداش بولۇپ، قازاق چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدۇر. تەبىئىي رايون ئورنى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 2022 ـ يىلى، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 33 پارنىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، خاس گۈل ـ گىياھ ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سەيلە ـ ساياھەت، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن «گۈل بازىرى»نى بەرپا قىلدى. «يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، بۇ يىل كىرىمىمىزنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىدىن ئۈمىد بار» دېدى ليۇ شېڭكۇي ئۈمىدكە تولغان ھالدا.

بىڭتۇەن 12 ـ شى تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى چىسەي سەھرا دېھقانلار ئارامگاھىدا باجياۋ دەرىخى، پالما دەرىخى، بانان دەرىخى قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ھەممىسى بار. دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ يېنىدىكى بەزى پارنىكلاردا مېۋە ـ كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى بار بولۇپ، ئىچىدە ئورگانىك كۆكتات، ساۋمېي، گۈل ـ گىياھ قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلگەن، غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئايلىنىپ كەلگىلى، يەنە يېڭى مېۋە ـ كۆكتاتلارنى ئۈزگىلى بولىدۇ.

«شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى جانلاندى.» دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى لى خۇاۋېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارىمىز كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 ئادەم قېتىم ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىڭتۇەن 12 ـ شى پارتىيە كومىتېتى ئۈرۈمچى بىلەن سانجىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىشتەك رايون ئورنى ۋە بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئورتاق كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش» تەرەققىيات پىكىر يولىنى زىچ چۆرىدەپ، يېشىل، ئورگانىك باغ ـ ئورمانچىلىق، گۈل ـ گىياھ ئۆستۈرۈش قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ـ ساياھەتچىلىك يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنى ئىستىراھەت مېۋە ـ كۆكتات ئۈزۈش، سەيلە ـ ساياھەت، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. نۆۋەتتە، شى بويىچە ئۈچ ليەندۈي مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ باھالاندى، تۆت ساياھەت لىنىيەسى مەملىكەت بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى سەرخىل لىنىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئالتە مەنزىرە رايونى دۆلەت A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىپ بېكىتىلدى، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار (چارۋىچىلار) ئارامگاھىدىن 15ى بەرپا قىلىندى.

«ساياھەت بازىرى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى سەرخىل قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى پائال يولغا قويۇشىمىز كېرەك.» بىڭتۇەن 12 ـ شى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فەن چىڭلېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شى گۈل ـ گىياھ، مېۋە ـ كۆكتات ئۆستۈرۈش بويىچە توپ سېتىش، پارچە سېتىش، تاماشا قىلىش ـ ھېس قىلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بازىسى ۋە بازىرىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان، ساياھەتچىلەر چوڭقۇر سىڭىشىپ ھېس قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ خاس ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە تۈر مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ پايدىدىن بەھرىمەن قىلىشنى، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.