تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تاۋلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقنى كۆزلەش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان 12 تەرەپنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن 20 تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قابىلىيىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت ئايدىڭلاشتۇرغان پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پاختىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كىيىم ـ كېچەك، ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، ئىلمە توقۇلمىلار قاتارلىق ئاخىرقى ئۇچ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پاختا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ـ پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ـ ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ـ چۈشەندۈرۈش ۋە كۆرگەزمە قىلىش، تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «تارىخنى ئىسپاتلاش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئادەم تەربىيەلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە جانلاندۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت ـ ساياھەت يۇغۇرما تۈرلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى، تەبىئىي يادىكارلىقلار، تەبىئىي مەنزىرە ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ھەقىقىي تۈردە ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرىنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت تىرىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بېيجىڭ چاڭفېڭ دوختۇرخانىسىدا يۈزبەرگەن ئېغىر، زور ئوت ئاپىتى ھادىسىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، يول قاتنىشى، ئوت مۇداپىئە، كان، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، شەھەر، بازار يېقىلغۇ گازى، ساياھەت، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كارخانا، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش، ئاچقۇچلۇق سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مەھكەم ساقلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.