تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

شى جىنپىڭ 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 45 يىللىقى ۋە پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2023 ـ يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «كىم ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش، كىم يېڭىلىق يارىتىش، نېمىدە يېڭىلىق يارىتىش، قانداق يېڭىلىق يارىتىش»نى چۆرىدەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش، پەن تەتقىقاتىنى تەشكىللەش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا قارىتا پۈتۈن زەنجىرلىك ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر، سۇپا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئاچقۇچلۇق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنى سۇبيېكت قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشقان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىشىغا قاتنىشىشقا پائال رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇھىم، زور ئىجادىي تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى دۆلەت ئىگىلىكى زىممىسىگە ئالغان بۇرچ، ۋەزىپە ۋە فۇنكسىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى، سۈپەت قۇرۇلمىسى، مۈلۈك ۋە كارخانا باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن بىرتۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىگىلىكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان فاڭجېنى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشى، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ئارقىلىق، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە يېتەكلەش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ دەل جايىدا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. يېقىن، پاك ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىشان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دادىللىق بىلەن چوڭقۇر سۇ رايونىغا يۈرۈش قىلىپ، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈپ، دادىللىق بىلەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن سالماق بىلەن يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، بىز تۈرتكە بولغان ئىسلاھات ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل ۋە كەسكىن ئىشلەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق زور كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى.

يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاش، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. مۇھىم، زور ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش داۋامىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى تۈگىتىش، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش جەھەتتە يەنە بەزى قىيىن نۇقتىلارنى ھۇجۇم بىلەن تۈگىتىش كېرەك. ئىسلاھات جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، مەسىلىلەر مەركەزلەشكەن جايلار ۋە تارماقلارغا كۆپرەك بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ھەم كونكرېت مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى يىغىنچاقلاشقا ماھىر بولۇپ، ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە كۆپرەك كاللا ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ماسلاشقان، بۆلەكلەر بىرلەشتۈرۈلگەن، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتىكى تىپىك تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.