تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي قوللىنىپ، ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز

شىنجاڭدىكى 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇردى

ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي قوللىنىپ، ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 1 ـ تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىدىيە مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى؛ ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلە، كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىپ چىقتى؛ «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش» بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتتى؛ «يېڭى مۇساپىدە كۈرەش قىلىش» ناملىق مەخسۇس فىلىمنى كۆرۈشكە تەشكىللەپ، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتتى... ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان، «ئۆگىنىش، سۆزلەش، ئاڭلاش، كۆرۈش»تىن ئىبارەت كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى، شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىگە تۈرتكە بولدى.

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن جۇڭجېن مۇنداق دېدى: ئىستاتىستىكا ئورگىنى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، باش تېمىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئىستاتىستىكىنىڭ «ئىقتىدارى»نى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش داۋامىدا ئىستاتىستىكىنىڭ «نەتىجە»سىنى نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىستاتىستىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىنىڭ 1 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن، نازارەت پارتىيە كومېتىتى بەنزىسى باش تېما تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش كۇرسى پىلانىنى مەخسۇس تۈزۈپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر فەن لىشىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۈلگىلىك رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مەقسەت بىلەن ئۆگىنىپ، ۋەزىپە بىلەن ئۆگىنىپ، مەسىلە بىلەن ئۆگىنىپ، دىققەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ پىكىر قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش نەتىجىلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، قەتئىي تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئوقۇش باشلىغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر ـ بازار مەھەللە خىزمىتى نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش نىزامى قاتارلىق نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى، ئوت مۇداپىئە قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش... باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق ساھەلەردە بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئاساسىي ماھارەت.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى مەركىزىي خىزمەت ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئېھتىياجى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ. باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى.

«بىز نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ شۈ مۇنداق بىلدۈردى: ئەسلىي تېكىستىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئاساسىدا، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

4 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسىدا ئوقۇش باشلىنىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش لايىھەسى ۋە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈش ئارقىلىق، كۈندىلىك ئۆگىنىش تىزىملىكى چىقىرىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، ھەل قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدار، سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يادرو تېخنىكىسى − بىيو تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى چېن شۈنجى مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پەن تەتقىقات ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، ليۇ يى، سۈي يۈنيەن، گاۋ فېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ جۈنلياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.