تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

يوپۇقى ئېچىلدى! بىڭتۇەن 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرىدە ئىشتاتلىق بازاردىن يەنە ئىككىسى كۆپەيدى

4-ئاينىڭ 16-، 17-كۈنلىرى،

بىڭتۇەن 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرىدە

قاغىلىق 2-چارۋىچىلىق مەيدانى شىڭخۇا بازىرى 

دۇڭفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى دۇڭفېڭ بازىرىنىڭ

يوپۇقى ئايرىم-ئايرىم ئېچىلدى

شۇنىڭ بىلەن

تۇمشۇق شەھىرىدە ئىشتاتلىق بازار 14كە كۆپەيدى

شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى

«تۇەن بىلەن بازارنى بىرلەشتۈرۈش» باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى

قاغىلىق 2-چارۋىچىلىق مەيدانى

قاغىلىق 2-چارۋىچىلىق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش.

مەنبە: تۇمشۇق شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    قاغىلىق 2-چارۋىچىلىق مەيدانى 1953-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، تۇمشۇق شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 460 كىلومېتىر كېلىدۇ، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۈچ يېزا، بىر بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق 2-چارۋىچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن-ئاخىر مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. 2022-يىلى، قاغىلىق 2-چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 128 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %11.7 ئېشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

دۇڭفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى

دۇڭفېڭ  دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش.

 مەنبە: تۇمشۇق شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    دۇڭفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 1958-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ مەمۇرىي رايون جۇغراپىيەلىك مەركىزىگە جايلاشقان، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ بەش يېزا-بازىرى بىلەن قوشنا، تۇمشۇق شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 400 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇڭفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، كەسىپلەر تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچ چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئالما، شىمېي، ياڭاق، بادام قاتارلىق خاس باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2022-يىلى، دۇڭفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى تاماملىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 127 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %24.5 ئاشتى. (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ مېيلىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى جياڭ چى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.