تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلايمىز

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ئورۇنلاردىكى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى​

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلايمىز

ئىستون سۆزى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 4 - ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئىستونىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم روھى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي ئۈنۈمىنى، بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار ۋە تەجرىبە، ئۇسۇل قاتارلىقلارنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، خەۋەر قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ چىققان ئۆگىنىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆگىنىش. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىش ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلار كۆڭلىنى توختىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى، پارتىيە نىزامنامىسى، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر» قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

«پۈتۈن زېھنى بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش پۇرسىتى ناھايىتى تەستە قولغا كېلىدۇ.» 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 7 - قەۋەتتىكى يىغىن زالىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقىدى، چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى نەزەرىيە ئۆگىنىش كۆپچىلىكنى مول تەسىراتقا ئىگە قىلدى. ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يۈ جىدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز چوقۇم كۆڭۈلنى توختىتىپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سۇبيېكتىپ دۇنيارىمىزنى ئۆزگەرتىپ، نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىك ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ قۇۋۋەت توپلاپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمىز.

ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن باشلاپ، مەركەزلىك ئۆگىنىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر» قاتارلىق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تولۇق ئوقۇپ، پىششىق ئوقۇپ، «باشلامچى»لىق، «يول باشلىغۇچىلىق» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ شىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۆگىنىش ئارقىلىق، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆپ ئويلىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى قەدەم تاشلاشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز.

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي چۈشىنىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي قوللىنىپ، كەسىپ مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئېغىر، چوڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، شۆيۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» قاتارلىق باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى ھەم مەسئۇل ساھەلەرگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى. شىنجاڭ 2 - تېببىي شۆيۈەنى تەشكىلات بۆلۈمى (كادىرلار باشقارمىسى)نىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ يۇڭجيەن مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىگىلەش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەكتەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

«بىز پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىمىز، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز.» 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، باش تېما تەربىيەسىگە ئالاقىدار ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر سۈن زېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەتنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا بۇ ئارقىلىق كارخانىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىنى كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش جەريانىغا ئايلاندۇرىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل غوپۇر، رېن خۇا، سۇ لۇپىڭ، جاۋ شىيا، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن چى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.