تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك

4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي سانجى يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىمەكتە. □ سۈن شۆلياڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن شۆلياڭ خەۋەر قىلىدۇ: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار كارخانا ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتى، خاس يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىش ئارقىلىق، بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ما شىڭرۇي سانجى يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارى، تېخنىكا ھۈنەر - سەنئىتى، بازاردىكى سېتىلىش مىقدارىنى ئىگىلەپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر توپى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەھسۇلات، تېخنىكا، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارنى پائال ئېچىپ، تىرىشىپ رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

سانجىدىكى شوخلا پىششىقلاشقا ئالاقىدار كارخانىغا كىرىپ، ما شىڭرۇي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىنچىكە پىششىقلاش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل شوخلا بايلىقىغا قويۇپ، ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسىنى سىجىل ياخشىلاپ، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كارخانىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىدە، ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن پەن تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، ياغ، پاختا، مېۋە - كۆكتات، چارۋىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىقى ۋە كەسىپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى يۇغۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەت قاتارلىقلار بىلەن بولغان خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، سۈپەت، ئۈنۈمنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، خاس، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، پەن تەتقىقات سىياسىتى، سۇپا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە تىرەك بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يۆنىلىش قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى كەسىپ ئاساسىنى ئالىي دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ ۋە كېڭەيتىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپلەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ھالىتىنىڭ تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك بولۇشى، ئەۋزەللىكىنىڭ تېخىمۇ روشەن بولۇشى، خاسلىقىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، دېھقانلارنى بېيىتىش ئۇسۇلى ۋە يوللىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، كەسىپ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىپ، كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.