2023-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى يوۋياڭ تۇجيازۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تۇشى بازىرى داشەن كەنتىدە، بۇلۇت ۋە تۇمان ئاستىدىكى ئايلانما تاغ يولى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، خۇددى تاغ ئارىسىنى قاشتېشى بەلباغدەك ئوراپ تۇرىدۇ، تاغلار، كەنتلەر، پەلەمپەي ئېتىزلار، ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ، گۈزەل يېزا-كەنت يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۇڭچىڭ يوۋياڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى زور كۈچ بىلەن ياسىدى، «ھەممە كەنتنى راۋانلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان قاتناش تورىنى يولغا قويۇپ، كەڭ ئاممىنى «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
چېن بىشېڭ فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى