تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچى قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلىدى، ھەقىقەت نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا قارىتا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئالىي مەكتەپلەردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ داشۆ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە، تەلەپكە قاتتىق توغرىلىنىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. «بىز نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرىمىز» دېدى شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىدە ئېچىلغان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ «شىنجاڭ ماركىسى بولىدىغان، غەربىي شىمالدا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان، مەملىكەت بويىچە داڭلىق بولغان، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاپتونوم رايون بويىچە خاس، يۇقىرى سەۋىيەلىك داشۆ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

«بىز مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە قانات يايدۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ باڭۋېن مۇنداق بىلدۈردى: مەكتەپتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەسىنى تاۋلاش، ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەتتە ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويىمىز.

نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە تەشكىللەش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش... ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. «بىز <ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش> ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.» شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چاۋخۇا مۇنداق دېدى: مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ھەربىر ئەزاسى بىر تېمىنى باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى مەكتەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.