تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمىز

ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇردى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئايرىم - ئايرىم خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى كارخانىلار ۋە تايانچ كارخانىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەڭلىك مېتال ھەم قىممەت مېتال، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، مانگان بايلىقى، فىتور خىمىيە سانائىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك كەسىپ زەنجىرى توپىنى بەرپا قىلىشقا تېز تۈرتكە بولۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كانچىلىق گۇرۇھىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما يىلېي مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

«مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.» 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ بانكىسى پارتىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. شىنجاڭ بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن چۈەنجىن مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىكتىكى دۆلەت پۇل مۇئامىلە كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سىياسىيۋىلىقى ۋە خەلقچىللىقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەسىپچانلىقنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسى ۋە كەسىپ تەرتىپىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭدىكى يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز.

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق دۇچ كېلىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، سۈرئەت بىلەن سۈپەت، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات بىلەن مۇھىت قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمىنى سىجىل زورايتىپ، مۇھىت قوغداش كەسپىنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، كونكرېت نىشانى، نۇقتىلىق تەدبىرلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شى چۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، گۇرۇھ شىركەتنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى چوڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى، سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تەقسىملەش سۇپىسى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش سۇپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سۈزۈك سۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاققۇزىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار شى شىن، ما يىنىڭ، ۋاڭ يۇڭفېي، يۈ جياڭيەن، فەن چيۇڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.