تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئورگانىك يۇغۇرۇلغان، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان ئۆگىنىش يولىدا چىڭ تۇرايلى

​− يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى باسقۇچلارغا بۆلمەي، ھالقىلارغا ئايرىماي، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانداق قىلىپ ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

سىستېما قارىشى ئۇل خاراكتېرگە ئىگە ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلى. باش تېما تەربىيەسىدە نەزەرىيە ئۆگىنىش ئاساس، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يول، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەقسەت، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش ئاچقۇچ بولۇپ، تۆت تەرەپ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئورگانىك يۇغۇرۇلۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت سىستېما قارىشىنى نامايان قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا، ئەمەلىي بولۇشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئىلمىي يول بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بىزنىڭ غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىمىزنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، ئىدىيە ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، كونكرېت نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىگىلەش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش جەريانىدا، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ قۇۋۋەت توپلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۈپ ئاساسىي مەقسەتنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىشقا تەشكىللەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەتتە تەتبىقلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، مەۋقەنى ئەمەلىي ئىشلەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشى كېرەك.

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق تەرەپلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشكە تەربىيەلەپ، «دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كاپالىتى. بىز باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ چىققان ئۆگىنىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.