تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى

ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. كۆپچىلىك سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاساسىي مەزمۇننى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئىلمىي سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن داۋلى، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپىۋى قائىدىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇنىڭدىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ، شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش ۋە نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر قېتىملىق مۇھىم، زور تارىخىي پەيتلەردە، ئۆگىنىش، تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، باش تېما تەربىيەسىگە ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچى، ئىرادىسى ۋە غەيرىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونكرېت نىشاننى كۆزلەپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭ خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك - تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا سېلىشتۇرۇپ، مەسىلە، يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئىدىيە مەنبەسىنى دەل جايىدا تېپىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت ئورۇنلاشتۇرما قىلغان 12 جەھەتنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىلىرىنى چۆرىدەپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا، مەھەللە، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلات قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، تېگى - تەكتىنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، قىيىن نۇقتىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى، چارىسىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرى، قاتتىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىشى، سىياسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشى، ئەمەلىيەت داۋامىدا تاۋلىنىشى، كەسپىي جەھەتتىن چېنىقىشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى، ھوقۇق قارىشى، كەسىپ قارىشى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭى ۋە سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى باش تېما تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، دائىمىي كومىتىتتىكى يولداشلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئۆزى مەسئۇل ساھەنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىپ، نەمۇنە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.