تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2023 ـ يىل نەشرى)» ۋە «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنى ئۆگىنىشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى قوللاش، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2023 ـ يىل نەشرى)» ۋە «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش، قائىدە ـ تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنمىنى جەلپ قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلىنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشى، مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، پۇل سىياسىتى قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كىرېدىت سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە يادرولۇق كارخانىلارنى قوللاپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. دائىملاشقان «ھۆكۈمەت، كارخانا، پۇل مۇئامىلە»نى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش مەخسۇس مەبلىغىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، سۈپىتى ياخشى بولغان «شىنجاڭ بۆلىكى»نى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زايوم بازىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، زاكاز مال، نەق مال بازىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك كەسىپ تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى، يېتەكلەش مەبلىغى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىنى قوللاپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە مىقدارنى ئاشۇرۇشى، دائىرىنى كېڭەيتىشى، باھانى تۆۋەنلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھالاش، مۇكاپاتلاش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت سىستېمىسى گوۋۇيۈەننىڭ 2023 ـ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت تەقسىماتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە پىلان تۈزۈشنىڭ ئاساسى، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، خەۋپ ـ خەتەر ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.