تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرايلى

− يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

نىشان كومپاس، مەسىلە بۆسۈش ئېغىزى. يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، جەزمەن نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەش تۈرلۈك كونكرېت نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار: قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ ئۇلنى مۇستەھكەملەش، پەزىلەتنى تاۋلاپ سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش، پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇ بەش نىشاندا باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى كونكرېت ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، يەنە باش تېما تەربىيەسىنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ بەش جەھەتتىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار، قابىلىيەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك ـ تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم مېتودولوگىيە.

نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتى داۋامىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن مۇھىم خىزمەت ئۇسۇلى، ئۇنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئاللىقاچان تولۇق ئىسپاتلاندى. ھازىر، بۇ مۇھىم خىزمەت ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلىساق، بىز باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلالايمىز ھەم قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ ئاتلىنالايمىز. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدە ئېغىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىك، قۇرۇق بولۇپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئۇنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىگە قارىتا نۇقتىلىق ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، مەسىلىگە توغرىلىنىپ تۈزىتىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئىدىيەدىكى غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئىدىيە مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي چاڭ ـ توزانلارنى تازىلاپ، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق تەرەپلەردىكى ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەمىزنى باشتىن ـ ئاخىر تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇققا ۋە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئورنىنى بېكىتىپ، پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۈنۈم يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ھەرقانداق خىزمەت ئىشلىگەندە شەكىل، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۇسۇل توغرا بولسا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. «نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم خىزمەت ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلانساق، بىز يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.