تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلتۇرقى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2022 - يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2023 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» قاراپ چىقىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بەزى پارتىيەلىك كادىرلاردىكى ئىدىيە جەھەتتە ساپ بولماسلىق، تەشكىلىي جەھەتتە ساپ بولماسلىق، ئىستىل جەھەتتە ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇش تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر، ئىلمىي سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىگىلەپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى ۋە كادىرلارنىڭ كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئويلايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ماھىرلىق بىلەن زىممىگە ئالىدىغان ئومۇمىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تەرتىپكە سېلىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىلى قوپال بولۇش، قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، خىزمەتنى ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قالايمىقان ئىش قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»نىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئىدىيە - پىكىر يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مېخانىزم - ئۇسۇللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كونكرېت تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، جاڭ ۋېنشېڭ، دۇ خۇڭيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.