تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، بەنگۇڭتىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچگە ئايلاندۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، قائىدىگە رىئايە قىلىشنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي جەھەتتە مۇتلەق ئىشەنچلىك، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى 1 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.