تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى​

باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئورگىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۆلۈم ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 1 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى بىر قېتىملىق ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىكى چوڭ سىناق، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش جەھەتتىكى چوڭ چېنىقىش، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى جەھەتتىكى چوڭ تاۋلىنىش بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور، چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىلات تارماقلىرى باش تېما تەربىيەسىدىكى قوش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش شەكلىنى بېيىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، ئەمەلىي بولۇشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەھەتتە يول ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي تۈزىتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزىشى كېرەك؛ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.