تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش، قائىدە ـ تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەتچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دىققەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەدبىقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ باش تېما تەربىيەسى 2 ـ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا كېلىپ سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.