تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەر قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نىشان - تەلىپى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. بىز باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە، ئىرادە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن پارتىيەدە مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەتلەر توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتا، بىز بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ ئۇلنى مۇستەھكەملەش، پەزىلەتنى تاۋلاپ سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىش تەربىيەنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار - ماھارەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك - تەلەپچان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش بولۇپ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.