تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

ما شىڭرۇي، ۋاڭ گوشېڭ سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەر قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، مەركەز 15 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شاۋ لىن ۋە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان - ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قاتتىق توغرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى تۈزىتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار - قابىلىيەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك - تەلەپچان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىشقا كۈچەپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاپ ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاپ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، چوڭ يۈزلىنىشنى كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش» مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىپ، ئورنىنى بېكىتىپ، پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاپ مەركىزىي ۋەزىپىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى ئېنىق تونۇپ، دەل جايىدا تېپىپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيەت يولىنى كېڭەيتىپ، ئەۋزەللىك، يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پائال بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە تەتبىقلاپ خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەت - دىن، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا) ئەزالىرى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق ۋە ئەمەلىي ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك ئارقىلىق ھەيدەكچىلىككە تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركىزىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، شوئار توۋلاش، يۈزەكى ئىش قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ گوشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مەركەزنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تەلەپلەرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەركىزىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بارلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، بارلىق ئالغا سىلجىتىش تەدبىرى، بارلىق خىزمەت تەلىپىنى بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشقا يېتەكلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كونكرېت نىشاننى چۆرىدەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نىشان يۆنىلىشىنى مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئېغىپ كېتىشنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار - ماھارەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك - تەلەپچان بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قاراتمىلىق ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سىستېما قارىشى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە، ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خىزمەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، بىرلىكتە باش تېما تەربىيەسىنىڭ توغرا، كۈچلۈك، پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي تەلەپ، تۈپ ۋەزىپە ۋە كونكرېت نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. قاتتىق بولۇش ئۆلچىمى، ئەمەلىي بولۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ليۇ لىن، ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئىلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلار ۋە ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبىرىي يولداشلار، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى سەييارە كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە 1 - تۈركۈمدىكى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.