تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«جۇڭگو سېھىرلىك كۇبىكى» بىڭتۇەن نۇسخىسى! «چاقماق كۆڭلەك» قۇم توسۇقى تۇمشۇق-قۇرۇمقاش تاشيولىدا «ئىش ئورنىغا چىقتى»!

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە

 قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر تاشيول «قۇم دېڭىزى»غا چوڭقۇرلاپ سوزۇلۇپ كىرمەكتە

قۇم تىزگىنلەش ئىشچىلىرى ھازىر 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدىن

14-شى قۇرۇمقاش شەھىرىگىچە بولغان قۇملۇق تاشيول بۆلىكىدە

(3-شى بۆلىكىنىڭ 4-بۆلىكى، تۆۋەندە تۇمشۇق-قۇرۇمقاش تاشيولى 4-بۆلىكى دېيىلىدۇ)

ئوت-چۆپلەرنى كاتەكچىلەشتۈرۈپ تىكمەكتە

تۇمشۇق-قۇرۇمقاش قۇملۇق تاشيولى

شىنجاڭ تاشيول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر

شىمالدىن جەنۇبقا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىنى كېسىپ ئۆتىدۇ

 3-شى تۇمشۇق شەھىرى بىلەن

14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى ئوتتۇرىسىدىكى غول تاشيول

 شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ «14-بەش يىل»لىق

ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى مۇھىم بولغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى غول لىنىيە يولى

قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا

چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار، يول ياساش ئىشچىلىرىدىن باشقا

بىر توپ ئالاھىدە «يىشىللىق بەرپا قىلغۇچى»

قۇملۇق تاشيولىنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاۋانگارتى بولۇپ قالدى

قۇملۇق تاشيولىدا قۇم تىزگىنلەشكە مەسئۇل ئىشچىلارنىڭ تەجرىبىسى مول

ئۇلار قۇم-بوران، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا باش ئەگمەي

ھەر كۈنى ھېچقانداق توسۇق يوق قۇملۇقتا سەككىز سائەت خىزمەت قىلىپ

ئوت-چۆپلەرنى كاتەكچسىمان تىكىش، يېپىنچا ئۆسۈملۈك تېرىش ئۈچۈن

نەچچە ئون كىلومېتىر يول يۈرىدۇ

قۇم تىزگىنلەش ئىشچىسى ياڭ لې دەم ئېلىش ئارىلىقىدا مۇنداق دېدى:

قۇملۇقتا قۇياش نۇرى كۈچلۈك، قۇم-بوران كۈچلۈك

ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 10 جىڭ سۇ ئىچىش كېرەك

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە تەبىئىي مۇھىت ناچار

قۇم-بوران رەھىمسىز

ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆچمە قۇم بارخانلىرى تارقالغان

قۇم بوراننىڭ تاشيولغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش ئۈچۈن

تۈر «قۇمنى توسۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىش، تۇراقلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش» پىكىر يولى بويىچە

يول ئۇلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 100 مېتىر كەڭلىكتە ئوت-چۆپ كاتەكچىسى ياسالدى

ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇم توسۇش رېشاتكىسى بەلبېغى

ئېگىز تىك شەكىللىك چوڭ كاتەكچە قۇم توسۇق بەلبېغى

بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان بەلبېغى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان

«ئالتە بەلباغ بىر گەۋدىلەشكەن» مۇداپىئە سىستېمىسى

غەربىي شىمالدىكى مۇھىم قاتناش غول لىنىيەسىنى قوغدايدۇ.

مۇخبىرلار سۈي شيەنچاۋ، ۋاڭ جۈنلۇڭ، چىن فېي، مېڭ جيۇتىڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.