تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھەقىقەت نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، ئىدىيە جەھەتتىكى چېنىقىش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم ـ كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

باش تېما تەربىيەسى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى

«بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور ئىش بولۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىلى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئىنتايىن زۆرۈر.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جۈنئەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تاللاپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە سەپلەش، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇپ ئاساس سېلىش، قوشۇن قۇرۇپ ئىختىساسلىقلارنى توپلاشقا دەل جايىدا كۈچەيمىز، بولۇپمۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى تۇتۇپ، يېتەكچىلىك قىلىش، يۇغۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئالتاي كۈچىنى قوشىمىز.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى كې شىجۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشانى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىر تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەسىتىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى تۇتۇپ، ئۆگىنىش تىزىملىكى، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش تىزىملىكى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تىزىملىكىنى ئورنىتىپ، قايتا قاراپ چىقىشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق، ياخشى ئادا قىلىمەن».

يۆنىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىمىز

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك.» ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ماناس ناھىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى ھازىرقى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە بەرپا قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق ناھىيەنى كۈچەيتىش، ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ناھىيەنى جانلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ناھىيەنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولىدۇ.

خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا بازىرى ئاقتىچى كەنتىدە، مۇشۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى شۆ جىلى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى جارى قىلدۇردى.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارى، تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ رازى بولغان ـ بولمىغانلىقىنى خىزمەتنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، گۆش قويى باقمىچىلىقى، ياڭاق قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ھەميېنىنى بارغانسېرى تولدۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى شېرىن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى شۆ جىلى.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يەنە يېڭى تۆھپە يارىتىمىز

يەكەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوۋ شىنزۇ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە باش تېما تەربىيەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، سۇچىلىق ئاساسىنى پۇختىلايمىز؛ دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمىز؛ مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناق ئۆتۈشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يەكەن ناھىيەسى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش>تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىمىز.» ساۋەن شەھىرى جىنگۇخې بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خې جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىرادىدىن قايتمايدىغان غايە ـ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، چىرىتىشكە تاقابىل تۇرىدىغان توسما، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ ئىرادىگە كېلىپ، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، تېخىمۇ ئەقىل ـ پاراسەت يېتىلدۈرۈپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ يەنفاڭ، گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جياۋ زۇچىڭ، ئابلىكىم ئىبرايىم)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.