تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ساۋات

سېتىشتىن كېيىنكى ھوقۇقنى قوغداشنى قوللىمامدۇ؟ زومىگەر ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس

  ئەسلىي ماۋزۇسى: «سېتىشتىن كېيىنكى ھوقۇقنى قوغداشنى قوللىمايدىغان زومىگەر ماددىلار كۈچكە ئىگە ئەمەس (دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش)

  [دېلو ئەھۋالى] توردا مال سېتىۋېلىش كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، ھالبۇكى ئىستېمالچىلار رازى بولمىغان تاۋارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مالنى قايتۇرۇش، پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. لېكىن ئەگەر تور ئىستېمالىدا «زومىگەر ماددىلار»غا ئۇچراپ قالغاندا، ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟

  جاڭ × مەلۇم تور سودا سۇپىسىدا ۋۇ ×تىن مەلۇم ماركىلىق نىمكەش ئايالچە سومكا سېتىۋالغان، باھاسى 14 مىڭ يۈەن بولۇپ، ساتقۇچى ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مال كەلگەندە پۇل تۆلەشكە ۋەدە بەرگەن، ئەگەر ساختا بولسا قايتۇرۇشقا كېپىل بەرگەن. لېكىن، كېيىن جاڭ × تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئورگىنىغا تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىپ، بۇ سومكىنىڭ ئۆلچەمگە لايىق ئەمەسلىكىنى بايقاپ، بۇ سومكىنى ۋۇ ×كە ئەۋەتىپ بەرگەن، جاڭ × پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ پۇلنى تولۇق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، ۋۇ × مەن مەخسۇس زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، جاڭ × بىلەن كۆپ قېتىم سودا قىلغان دېگەن ھەم سودىدا مال تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن پۇل تۆلەشكە كېلىشكەن، سېتىۋالغۇچىنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكى تاۋار سۈپىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇپا ئابۇنىچىلىرىنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىدە «سودا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، سېتىشتىن كېيىنكى ھوقۇقنى قوغداشنى قوللىمايدىغان»لىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن، دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ مال قايتۇرۇشقا قوشۇلمىغان.

  [قانۇننى چۈشەندۈرۈش] قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: سۇپا ئابۇنىچىلىرىنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىدىكى «سودا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، سېتىشتىن كېيىنكى ھوقۇقنى قوغداشنى قوللىماسلىق» توغرىسىدىكى مەزمۇننى ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تۈزۈۋالغان، توختام تۈزۈش بىلەن بىللە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ماددا بولۇپ، ئەندىزىلىك ماددىغا تەۋە. بۇ ئەندىزىلىك ماددا تىجارەتچىلەرنى جاۋابكارلىقتىن نامۇۋاپىق ھالدا قۇتۇلدۇرۇپ قالغان، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ساقىت قىلىۋەتكەن، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تور ئىستېمالى تالاش- تارتىش دېلولىرىغا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى(1)»نىڭ 1- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۈچكە ئەمەس دەپ بېكىتىش كېرەك.

  سوتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئەۋزەل ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئادىل بولمىغان، مۇۋاپىق بولمىغان ئەندىزىلىك ماددىلارنى تۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە دەخلى- تەرۇز قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت. بۇ دېلودىكى ھۆكۈمدە تور ئىستېمالى ئەندىزىلىك ماددىلىرىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تىجارەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقى نامۇۋاپىق كەچۈرۈم قىلىنغان، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتى چىقىرىۋېتىلگەن ئەندىزىلىك ماددىلىرىغا قارىتا ئىنكار قىلىش خاراكتېرلىك باھا بېرىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتى كۈچلۈك قوغدىلىنىپ، ئىستېمال مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.