تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش. 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

«ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى يىغىن - پائالىيەت باشقارمىسى(تاشقى ئالاقە باشقارمىسى)نىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ جىرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياچېيكا ئۆگىنىشىنى ياخشى تۇتۇپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى. شەبنەم مۇنبىرى» «ئەزالار كىتاب ئوقۇش توپى» قاتارلىق سۇپىلاردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە نامايان قىلىپ، كېڭىشىشكە مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش سۈپىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەيمەن.

«بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كۇڭ ۋېيۋېي مۇنداق بىلدۈردى: بىز «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، نىشانىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركىزىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ پېڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەكتىپى كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان ئاساسىي بازا، پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كۇرسانتلارنى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جەزمەن دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچ قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش جەھەتتە پائال نەتىجە يارىتىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەن ۋەنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شايار ناھىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاۋ يۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئورگان ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ بوشاشتۇرۇپ قويماي، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىمىز». نىلقا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى گاۋخارگۈل تۆمۈربېك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى تەپتىش ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىغا پائال قاتنىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇش - نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ شيۇرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دائىم غېمىدە بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھ ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق، ياخشى ئادا قىلىپ، پۈتۈن ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يۈنمېي، جاڭ جىلى، ۋاڭ نا، مېھرىگۈل غوپۇر، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى چيەن، خۇ جۈنشيۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.