تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يەر شارىدىكى تۇنجى قوش كىشىلىك سۇ ئۈستى توكلۇق ئايروپىلانى يېقىندا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى

   يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىسى يوڭجىڭ ناھىيەسى ليۇجياشيا جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ شياڭياڭ پىرىستانىدا RX1E-S تىپلىق قوش كىشىلىك سۇ ئۈستى توكلۇق ئايروپىلانى تېيىلىپ چىقىپ، ئۇچۇپ شېنياڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى داشۆسى لياۋنىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەتقىقات يۇرتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەر شارىدىكى تۇنجى قوش كىشىلىك سۇ ئۈستى توكلۇق ئايروپىلانىنىڭ رەسمى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى، تۇنجى خېرىدار گەنسۇ خۇاڭخې ھەممىباپ ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى بولدى.

  RX1E-S قوش كىشىلىك سۇ ئۈستى توكلۇق ئايروپىلانى دۇنيا بويىچە تۇنجى لەيلىمە تۇڭلۇق قوش كىشىلىك سۇ ئۈستى توكلۇق ئايروپىلانى بولۇپ، لىتىيلىق باتارىيەنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى نۆل. ئېلېكتىرلىك ئىتتىرىش سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم، شاۋقۇنى تۆۋەن، ئايروپىلاننىڭ يۈرۈشىگە پەقەت مۇۋاپىق سۇ دائىرىسى بولسىلا بولىدۇ، ئۇل ئەسلىھەگە بولغان تەلىپى، شۇنىڭدەك ئىشلىتىش، ئاسراش تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن.

  لياۋنىڭ ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تىپ نومۇرى مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى شۆ جىجيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئايروپىلان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئائېرودىنامىك لايىھەگە ئىگە بولۇش، كېرىلىش نىسبىتى چوڭ، لەيلەپ ئۇچۇش ئىقتىدارى ياخشى، ئۆرلەش-قارشىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئايروپىلان سىستېمىسىنىڭ توپلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، مەشغۇلاتى ئاددى، ئۆگىنىش ئاسان، قوللىنىش ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەش، شەخسىي قاتناش قوراللىرى، سەيلە-ساياھەت ، ئاۋىياتسىيە فوتو سۈرەتچىلىكى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئۆلچەش-سىزىش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.