تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى قېتىملىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى

3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان تۇنجى قېتىملىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى سائەت 22دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، 523 ساياھەتچى بىلەن لىق تولغان Y936 قېتىملىق «تەكلىماكاننى ئايلىنىش سەپىرى . قالتىس ئىزلار» ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، 11 كۈنلۈك تەكلىماكاننى ئايلىنىش قۇملۇق سەپىرىنى باشلىدى. بۇ، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغان، دۇنيادىكى قۇملۇقنى ئايلىنىدىغان تۇنجى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەنگەندىن كېيىن قاتنىغان تۇنجى ساياھەت مەخسۇس پويىزى.

«شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارىسىدىكى ئارىلىق ئۇزۇن، ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كەچتە يولغا چىقىپ سەھەردە يېتىپ بارغاندا يول يۈرۈش ۋاقتىنى تېجەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ بىزنى ناھايىتى تەقەززا قىلدى.» گۇاڭشىلىق ساياھەتچى ما شياۋگې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا ئۆزۈم ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە كەلگەنىدىم، بۇ قېتىم بىرنەچچە ئاچا ـ سىڭىل بىلەن بىللە تۇنجى قېتىملىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى سەپىرىنى ھېس قىلغىلى كەلدىم.

شىنجاڭ تۆمۈريول ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ساياھەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لىن ۋېن مۇنداق دېدى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى كۇچا، قەشقەر، خوتەن، چاقىلىق، كورلا قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدۇ ھەم ئوخشاش بولمىغان پەسىلگە ئاساسەن لىنىيە بويىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى تەڭشىلىدۇ. پويىز پۈتۈنلەي كارىۋاتلىق بولۇپ، كېچىدە يول يۈرۈش، كۈندۈزى ساياھەت قىلىش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ، بۇ يىل 18 نۆۋەتچى پويىز قاتناش پىلانلاندى، ھەربىر نۆۋەتچى پويىز 500دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆمەك تەشكىللىنىش، شەخسىي زاكاز قىلىش، ئەركىن سەپەر قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

قەدىمىي، سىرلىق تەكلىماكان قۇملۇقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيادىكى 2 ـ چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بىپايان قۇم دېڭىزى، مەڭگۈلۈك توغراق، بۈك ـ باراقسان بوستانلىق قاتارلىق ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىلەردىن باشقا، قەدىمىي يىپەك يولى كېسىپ ئۆتكەن قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسىدە تېخىمۇ مول تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىلىرى بار.

«بۇلتۇر خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، <ھالاكەت دېڭىزى> بولغان تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان <ئۈمىد ھالقىسى> شەكىللەندى.» شىنجاڭ ئەيۋەنكې خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى لى خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى لىنىيەسىدە تەسىس قىلىنغان مول مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنى چاقىلىق ناھىيەسى كىروران خارابىسىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ساياھەت قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولغان تارىم دەرياسى، دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق يېشىل كارىدورىدا داكا قىلىپ، قالتىس نامايان بولۇپ تۇرغان گۈزەل شىنجاڭنى بىر قېتىملىق سەپەردە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

2017 ـ يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش» «جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلىش» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنى يولغا قويۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى، ئىلى، ئالتاي بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ساياھەت چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرۇپ، ھەر يىلى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» ماركىسىنى چاقنىتىپ، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى چوڭ دائىرىدە تۇتاشتۇرۇش، ساياھەتچىلەر سەپەرگە چىققاندا چوڭ ئاممىۋى قاتناشنى تاللاش، ساياھەت پويىزى چوڭ ئايلىنىش»تىن ئىبارەت «تۆمۈريول+ساياھەت» يۇغۇرما ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.