تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سۇس پەسىلدە سۇسلاشماسلىق»تىكى سىر نەدە

− ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىغا نەزەر

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

مال ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 4 ـ ئورۇندا تۇردى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 5 ـ ئورۇندا تۇردى... 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، 2023 ـ يىلىدا ياخشى باشلىنىش بولدى.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كىلىمات سەۋەبىدىن، ئالدىنقى ئىككى ئاي شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىدىكى سۇس پەسىل ھېسابلىناتتى. لېكىن، بۇ يىل شىنجاڭ ئىقتىسادىدا «سۇس پەسىلدە سۇسلاشماسلىق» ۋەزىيىتى نامايان بولدى، بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سىر زادى نەدە؟ بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى شىنجاڭ ئىقتىسادىدا، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان قايسى يارقىن نۇقتىلار بار؟

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» سانائەتنىڭ ئېشىشىدىكى تۈۋرۈككە ئايلاندى

2 ـ ئايدا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق شەرقىي جۇڭغار، خۇڭشاچۈەن، خېيشەندىن ئىبارەت ئۈچ كۆمۈر كېنىنىڭ كۈندىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 270 مىڭ توننىغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ نەنفاڭ مۇنداق دېدى: 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىركىتىمىز 14 مىليون 600 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى پىلانىدىن 3 مىليون 290 مىڭ توننا ئاشۇردى؛ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقارغان كۆمۈردىن 14 مىليون 530 مىڭ توننا سېتىشنى تاماملاپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى پىلانىدىن 3 مىليون 220 مىڭ توننا ئاشۇردى.

مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش كەسپىدە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 75 مىليون 634 مىڭ 900 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئاشتى؛ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈرنىڭ سېتىلىش مىقدارى 72 مىليون 780 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.4 ئاشتى.

كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش كەسپىدە ئېشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 4 ـ ئورۇندا تۇرغان.

ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىپ قارىغاندا، كانچىلىق، ياسىمىچىلىق ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %13.3، %4.7، %11.2 ئاشقان. ساھەلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، سانائەتتىكى 40 ساھە چوڭ تۈرى ئىچىدە، 25 ساھەنىڭ قوشۇلما قىممىتىدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، %62.5نى ئىگىلىگەن. رايونلارغا ئايرىپ قارىغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھەم ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا، 11 تۈردە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان (ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، توققۇز ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن دېفىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تىرەكلىك رولى كۈچلۈك بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھەم يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈش، بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. ئالاقىدار كارخانىلار تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەۋزەللىكىنى قويۇپ بېرىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلىدى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تاماملىغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %92.4كە يەتكەن.

مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلدى، مۇلازىمەت كۈچەيتىلدى، مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

«شىنجاڭ تەرەققىيات باھارىنى كۈتۈۋالدى، ھازىر ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.» 2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار بەس ـ بەستە شۇنداق بىلدۈردى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، شىنجاڭنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى.

كارخانىچىلارنىڭ قەلبىنى ئىشەنچكە تولدۇرغىنى، شىنجاڭنىڭ ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىۋاتقانلىقى بولدى. تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى؛ سىياسىي ـ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 50 تۈرلۈك تەدبىرى ئېلان قىلىندى؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، سانلىق مەلۇماتلار كۆپ قاترىتىلىپ، پۇقرالار ئاز قاترىتىلدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى بەس ـ بەستە ئەلالاشتۇرۇش كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

تەرەققىيات قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، مەبلەغ سېلىش مۇساپىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تېزلەشتى.

3 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، دۇنيا بويىچە ياسىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ ـ سول تەرىپىدىكى ئاساسىي ئۆڭكۈرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە 5000 مېتىرلىق چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈلدى.

تىيانشان غالىبىيەت تونېلى G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ تۈرنىڭ قۇرغۇچىلىرى كېچىنى ـ كۈندۈزگە ئۇلاپ، باھار بايرىمىدا ئىشنى توختاتماي، نەق مەيدان قۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپلىك، تەكشى، مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». ئاپتونوم رايونىمىز تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇھىم، زور تۈرلەر بويىچە «پىلانلاش» سەۋىيەسى، «تۈرتكە بولۇش» سالمىقى، «مۇلازىمەت قىلىش» ئىقتىدارى ۋە «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» سۈرئىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى دەل جايىدا كېڭەيتتى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 5 ـ ئورۇندا تۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت سېلىنمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ۋە %32.3 ئاشقان.

بۇ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇ يىل شىنجاڭدا جەمئىي 400 نۇقتىلىق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي سېلىنما 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى، بۇ، سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە چېتىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشنى باشلاش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى مۇلازىمەت ئېڭى، تەرەققىيات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنى قەلبكە پۈكۈپ، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلىدى.

2 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ لىشىن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى چاقىلىق ناھىيەسى مىرەن 50 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىدە مەيدان ئىچىنى بېزەش ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى توكقا ئۇلاپ بىرلىشىپ تەڭشەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى.

«بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، چاقىلىق ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەخسۇس بەن قۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىغا ئائىت بولغان بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماسلاشتۇرۇپ، تۆمۈريول تارماقلىرىنى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى لىنىيەسىنىڭ گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، لوپنۇر كەنتى جەنۇبى 220 كىلوۋولتلۇق توپلاش پونكىتىغا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ھەمكارلىشىپ تاماملاشقا ماسلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ 4 ـ ئايدا تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى» دېدى 3 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى لىشىن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى چاقىلىق ناھىيەسى مىرەن 50 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىنىڭ مەسئۇلى جاڭ رۇي مۇخبىرغا.

ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى، سۇپا قۇرۇلدى، تاشقى سودا ئىستېمالى جانلاندۇرۇلدى

3 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورت شۆبە شىركىتىنىڭ بىر تۈركۈم 3000 توننىلىق يۆگەلمە پولاتلىرى ئوراپ قاچىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆزبېكىستانغا ئېكسپورت قىلىنماقچى ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ شىركەتنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت زاكاز مىقدارى كۆپىيىپ، ئالدىنقى ئىككى ئايدا ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.3 ئاشتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ مال ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 44 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.4 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 38 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.6 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 6 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.8 ئاشقان. سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا توققۇز ئاي تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ئاخىرلىشىپ، ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئېكسپورتىدا مال تاپشۇرۇش قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.3 ئاشقان، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 26.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 6 ـ ئورۇندا تۇرغان.

1 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، مەملىكىتىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا « B تۈردىكى يۇقۇمنىB تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نى يولغا قويدى، شۇ كۈنى شىنجاڭ قورغاس، ئەركەشتام، قاراسۇ، تايكېشكېندىن ئىبارەت تۆت تاشيول پورتىدا يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردى؛ 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، ئالاتاۋ، باقتۇ، تورغات تاشيول پورتلىرىمۇ قۇرۇقلۇق پورتلىرىدا «يولۇچىلارنى توختىتىش، يۈكنى ئۆتكۈزۈش» سىياسىتىنى تەڭشەپ، يولۇچى توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

شىنجاڭ ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن ھەرقايسى پورتلاردا يولۇچى ۋە يۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پورتلارنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، كۆپ خىل سودا شەكلى تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ماللىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ تۈرلۈك پايدىلىق، ياخشى سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىستېمالدىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىش ھالىتى نامايان بولدى.

3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولىدىكى خۇيجيا دەۋر مەيدانى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، خېرىدارلار تاۋارلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاۋاتاتتى. بۇ سودا ساراينىڭ باش دىرېكتورى پېڭ لى مۇنداق دېدى: «سودا ساراينىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىكى سېتىش سوممىسى 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى، ئۈنچە ـ مەرۋايىت تۈرى، ئەرەنچە كىيىم، بالىلار كىيىمى تۈرى ھەم تاللا بازار سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15تىن %20كىچە بولدى».

ھەرقايسى جايلاردىكى سودا سارايلارنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 57 مىليارد 758 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان.

ئاپتونوم رايون ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەت سۇپىسىنى پائال قۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك قوزغىدى. ھەرقايسى جايلار تارقاتقان ئىستېمال بېلىتى سودا ساراي، تاللا بازار، يېمەك ـ ئىچمەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ئىستېمال ھالىتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى؛ «يېڭى يىللىق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بايرىمى» «توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى» قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتوموبىل، باھار بايرىمىلىق مال، يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى سېتىشنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ خەلققە قولايلىق بازار، كەينى كوزۇپتا مال سېتىش بازىرى، كۆچمە يايمىچىلار قاتارلىقلارنى قويۇۋېتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى؛ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتتى.

«ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، خېرىدارلار ئېقىمى يەنە تەدرىجىي كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئىستېمالنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشىدىن ئۈمىد بار» دېدى پېڭ لى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.