تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ما شىڭرۇي قازاقىستانغا زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە قازاقىستان زۇڭلىسى سىمايىلوف بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى ئاستانا 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستانغا زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭلىسى سىمايىلوف بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەر ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، نەتىجىسى تېخىمۇ موللىشىپ، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.