تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ما شىڭرۇي قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى قازاقىستانغا زىيارەتكە چىقتى

ما شىڭرۇي قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى ئاستانا 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يېقىندا جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستانغا زىيارەتكە چىقتى. 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ما شىڭرۇي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي كۆرۈشۈشتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو _ قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. يېقىندا جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلاندى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلمەكتە. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق مۇھىم ئوبيېكتى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە دوستانە شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلىش، جۇڭگو ـ قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.