3-ئاينىڭ 25-كۈنى، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى قاچىلانغان چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى كۆممىقوناق تېرىماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
ليۇ چۈەن فوتوسى
شۇ كۈنى جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 15 مىڭ مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىش باشلىنىپ، ئېتىزلىقتا بىر قاتار ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى بۇ يىل زاكاز بويىچە تېرىقچىلىق قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بورتالا شەھىرى شياۋيىڭپەن موشاڭشىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن تېرىقچىلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ھەر توننا كۆممىقوناقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى 1650 يۈەن بولدى.
3-ئاينىڭ 25-كۈنى، تېخنىك خادىملار ئۇرۇق سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. شۇ كۈنى جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 15 مىڭ مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىش باشلىنىپ، ئېتىزلىقتا بىر قاتار ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
ليۇ چۈەن فوتوسى
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى داتۇەنجيې يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ياڭاق دەرەخلىرىگە ھاشارات يوقىتىش دورىسى چاچماقتا.
تۇرسۇن توختى فوتوسى
ھازىر مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، كۇچا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنتلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مېۋىلىك دەرەخلەردىكى كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىل باغ-ئورمانچىلىقتا ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى شازغەت يېزىسى شېرىنتۆرە كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
خې چېڭچياڭ فوتوسى
قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ شازغەت يېزىسى شېرىنتۆرە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىغىدىن 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى 370 مو ئېتىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى. بۇ تۈر مۆلچەرلىنىشىچە 4-ئاينىڭ بېشىدا تاماملىنىدىكەن.
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى شازغەت يېزىسى شېرىنتۆرە كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
خې چېڭچياڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، تېخنىك خادىملار كەنت ئاھالىلىرىگە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە.
دەي جياۋمېي فوتوسى
يېقىندا، چۆچەك شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ چۆچەك شەھىرىنىڭ قاراقاباق يېزىسى قىزىلجار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە، ئۆسۈملۈك قوغداش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى تېخنىك خادىملىرىنى كەنتكە كېلىپ ئۆسۈملۈك قوغداش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، تېخنىك خادىملار چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسى قىزىلجار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە.
دەي جياۋمېي فوتوسى
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يارغول كىچىك بازىرىدىكى دېھقان ئۈزۈم تاللىرىنى رەتلىمەكتە.
ليۇ جيەن فوتوسى
3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىدىكى 540 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى ئۈزۈم تاللىرى ئارقا-ئارقىدىن باراڭغا ئېلىندى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، باراڭنى ئاچقاندىن كېيىن پېلەكلەرنى مۇستەھكەملەش، شاخلىرىنى پۇتاش، ئوغۇتلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بۇ يىل ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يارغول كىچىك بازىرىدىكى دېھقانلار ئۈزۈم يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرمەكتە.
ليۇ جيەن فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى