4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 21دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ يىلقى تۇنجى قېتىملىق «شىندۇڭفاڭ تېز پويىزى» تەكلىماكاننى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، جېجياڭ، جياڭسۇ، سىچۇەن قاتارلىق شەرقىي، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 186 ساياھەتچىنى ئېلىپ، گۈزەل جەنۇبىي شىنجاڭنى راۋان ساياھەت قىلدۇرۇپ، 10 كۈنلۈك تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىدى. بۇ پويىز 13 يۇمشاق كارىۋاتلىق ۋاگون، ئىككى ئاشخانا ۋاگونى ۋە بىر قاۋاقخانا ۋاگونىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ۋاگون چوڭ كارىۋاتلىق ۋە تازىلىق ئۆيى، مۇنچا يۈرۈشلۈك ياتىقى بار ئالتۇن ئالماس ۋاگون، بەش ۋاگون تۆت كىشىلىك ئايرىمخانىسى بار كۆك ئالماس ۋاگون، كۆك ئالماس ۋاگوننىڭ ئىككى بېشىدا ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى، مۇنچا ئۈسكۈنىلىرى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئىشلەتسە بولىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سىزنى پۈتۈن مۇساپىدە ساياھەت ئۆمىكى بىلەن بىللە ساياھەت قىلدۇرۇپ، سىزگە بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى «قالتىس سەپەر»نى داۋاملىق تونۇشتۇرىدۇ.
مۇخبىر: جاڭ ۋەندې، لۇ فېڭباۋ، سۇبات ئەسقەر
نازارەتچى: چېن فېڭ، ماۋ مىڭدۇڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى