3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى دۈرە بازىرى ئۇزاقتى كەنتىدە بىر مەيدان ئالتاي «گۈزەل قوي»لىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، شۇ جايدىن كەلگەن ئېسىل چارۋىلار بىر سەھنىدە «گۈزەللىك تالاشتى».
پائالىيەتتە، ئالتاي قويىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەن ئۇزۇنلۇقى، باش شەكلى، مۈڭگۈز شەكلى، پۇت-قولى قاتارلىق تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىزمەتچىلەر نەق مەيداندا ئۇنىۋېرسال باھالاپ نومۇر قويۇپ، ئاخىرىدا ئالتاي يېتىلگەن نەسىللىك قوچقىرى، يېتىلگەن ساغلىقى قاتارلىق ئالتە مۇكاپات تۈرى بويىچە باھالاپ چىقتى.
كەنت ئاھالىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالتاي قويى، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات پۇلىنى كۆرسەتمەكتە.
پايدىلانغان مەنبە: كۆكتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى