تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى ئايرودۇرۇمدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې) «مەن بۇ يەرگە ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلغىلى كەلگەن، ھازىر ناھايىتى قولايلىق، ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ كېلىدىغانغا ئىككى سائەتتىن كۆپرەكلا ۋاقىت كەتتى.» دېدى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى CZ5193 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەن يولۇچى ليۇ يى.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، CZ5193 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلار تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.

    3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچقان CZ5193 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى ئايرودۇرۇمدا قاتناشنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىنىڭ يەر يۈزى خىزمەتچىلىرى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پورتقا باشلاپ كىرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.