تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

يۆتىلىش ئەدەپ-قائىدىلىرىگە رىئايە قىلايلى تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەيلى

        ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ) 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 28-قېتىملىق دۇنيا تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈنى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ئوقۇغۇچىلار تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ كۈندىلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يۆتىلىش ئەدەپ-قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلىشى كېرەك.

       ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن ياڭگۇي مۇنداق ئەسكەرتتى: ئوقۇغۇچىلار تۇبېركۇليۇز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۆگىنىشتە قولنى پات-پات يۇيۇشى، يۆتىلىش ئەدەپ-قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىكى، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە قولياغلىق، يەڭ قاتارلىقلار بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى توسۇۋېلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

       چېن ياڭگۇي ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى كۈندىلىك كۆزىتىش-ئۆلچەشنى كۈچەيتىش كېرەك، ئەگەر ئائىلىدە مەلۇم بىر ئادەمدە ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، قان تۈكۈرۈش ياكى قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بويىچە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

       چېن ياڭگۇي مۇنداق دېدى: ئەگەر بالىغا ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بولسا، ئاتا-ئانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەكتەپكە مەلۇم قىلىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرماسلىقى، كېسەل بولۇپ قالغان ئەھۋالدا دەرسكە بارغۇزماسلىقى كېرەك، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىدا ئۆلچەملىك داۋالىنىپ، پۈتۈنلەي ساقايغاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتىپ دەرسكە قاتناشسا بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنى چوقۇم ئۆلچەملىك داۋالىتىشى كېرەك. تۇبېركۇليۇز كېسىلىنى داۋالاشتا «بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالىنىش، قانۇنىيەتلىك دورا يېيىشنى توختىتىپ قويماسلىق، پۈتۈن مۇساپىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرۈپ قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك، زەھىرى تۆۋەن بولۇش، بىرلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دورىغا چىدامچانلىقى تۆۋەن بولۇش» پىرىنسىپىغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى، تۇبېركۇليۇز كېسىلى بويىچە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردىكى دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قانۇنىيەتلىك دورا ئىشلىتىشى، ئۆز مەيلىچە دورا مىقدارىنى كۆپەيتمەسلىكى ياكى ئازايتماسلىقى كېرەك، ئۆز مەيلىچە دورىنى توختىتىشقا ياكى ئارىلاپ دورا ئىچىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. تۇبېركۇليوز كېسىلىنى ئۆلچەملىك داۋالاتقاندىن كېيىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاغرىقلار ساقىيىپ كېتىدۇ، يەنە باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.