تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بىڭتۇەن شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم مەبلىغىدىن 300 مىليون يۈەن چۈشۈردى

  يېقىندا، بىڭتۇەن مالىيە ئىدارىسى 2023-يىللىق بىڭتۇەننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسىدىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم مەبلىغىدىن 300 مىليون يۈەننى چۈشۈردى، بۇ ئاساسلىقى بىڭتۇەننىڭ يېزا-كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان تۇەن-مەيدان ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تۇەن-مەيدانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇشقا، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ بىڭتۇەن مالىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم مەبلىغى بىۋاسىتە مەبلەغ باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلىدىكەن، بىۋاسىتە مەبلەغ بەلگىسى مەبلەغ تەقسىملەش، ئاجرىتىش، ئىشلىتىش قاتارلىق پۈتكۈل ھالقىلارغا سىڭدۈرۈلۈپ، ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلىدىكەن. خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئۈنۈم نىشانىنى ۋاقتىدا تەقسىملەپ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش پىرىنسىپى بويىچە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن. (بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چيۇڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.