تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

قۇبۇقسار ناھىيەسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرى ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىزباسارلارغا تەجرىبە يەتكۈزدى

  تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ خەۋەر قىلىدۇ) «ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى، ئەترىتىمىزنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چوقۇم ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەڭشىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك ...» 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىن چاخېت يېزىسى چاغان تۈڭگى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان ۋۇ شيۇڭۋېينىڭ ئىش ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى، «كەنتتە تۇرۇشلۇق» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەسكەرتىش بولدى.

  3-ئاينىڭ 19-كۈنى، چاخېت يېزىسى چاغان تۈڭگى كەنتىدە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقى ۋۇ شيۇڭۋېي ( ئوڭدىن 2 -كىشى) يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جەزىرە تۆلېۋقان (ئوڭدىن 1 -كىشى) بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قويلىرىنى داۋالىماقتا. ياڭ جۈنيىڭ فوتوسى

  يېڭى بىر تۈركۈم كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى تېزدىن پىششىق بىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قۇبۇقسار ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ كەنت (مەھەللە)لەرگە قايتىپ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. مۆتگې يېزىسىدا، ۋۇ شيۇڭۋېيغا ئوخشاش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى يەتتە ئەترەت باشلىقى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەترەت باشلىقلىرى كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىش، سىياسەت تەشۋىق قىلىش، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەمەلىيەت داۋامىدا بىرى بىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىرى كۆپكە يېتەكچىلىك قىلىش شەكىللەر ئارقىلىق، ھازىرقى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئۇلارغا قولمۇقول ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى تېزدىن پىششىق بىلىشى ۋە قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  ھازىرغىچە، قۇبۇقسار ناھىيەسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلگىرىكى 80 ئەترەت باشلىقى كەنت (مەھەللە)لەرگە قايتىپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، قاپلاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.