تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇخبىر ئىز قوغلاش | پاسكىنا سۇنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى، ئەخلەتلەرنىڭ تاشلىنىپ ئېچىلىپ قېلىشى، پىيادىلەر يولىنى رېمونت قىلغاندىكى «ئىشنىڭ ئايىغىنىڭ چىقماسلىقى»... بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىندى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن

    يېقىندا، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، تورداشلار «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە يولدىكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىپ پاسكىنا سۇلارنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئەخلەتلەرنىڭ تاشلىنىپ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى، كولانغان يوللارنىڭ تىندۇرۇلمىغانلىقىنى، پىيادىلەر يولىنى رېمونت قىلغاندىكى «ئىشىنىڭ ئايىغىنىڭ چىقمىغانلىقى»نى ئىنكاس قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار تورداشلار ئىنكاس قىلغان ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

    3-ئاينىڭ 20-كۈنى، «باداۋان ئاھالىسى» ئىسىملىك تورداش «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جېنئەن كوچىسىدا پاسكىنا سۇلارنىڭ ئېقىۋاتقانلىقىنى، ئاپتوموبىللار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، پاسكىنا سۇنىڭ پىيادىلەرگە چاچراۋاتقانلىقىنى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

    مۇخبىر ئارقىدىنلا نەق مەيدانغا كېلىپ، جېنئەن كوچىسى خۇڭيۈەن شىمالىي يولى ئاممىۋى قاتناش بېكىتى ئەتراپىدا، بىر تۇرۇبىدىن سۇ ئېقىپ چىقىپ، كوچىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يول ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشىدىن كېيىن پەيدا بولغان پاسكىنا سۇنىڭ جېنئەن كوچىسىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، جېنئەن كوچىسىدىكى تەخمىنەن 500 مېتىر يولنى پاسكىنا سۇنىڭ بىر ئالغانلىقىنى كۆردى.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاردىن ئېرىگەن سۇلار ئۈرۈمچى شەھىرى جېنئەن كوچىسىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىنى بىر ئالدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى جېنئەن كوچىسىدا پاسكىنا سۇ ئېقىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

  تورداشلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، جېنئەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى جېنئەن كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، ئارقىدىن تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلاردا يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن قار سۈيىنىڭ جېنئەن كوچىسىغا ئېقىپ كىرگەنلىكىنى بايقىغان. ئارقىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرى سۇنى يەر ئاستى قۇدۇقىغا باشلىغان، جېنئەن كوچىسىدىكى پاسكىنا سۇ ئېقىپ كېتىش مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغان.

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋۇشىڭ شىمالىي يولى غەربىي 1-كوچىسىدىكى بىر ئەخلەت پونكىتىنىڭ ئەتراپىنى ئەخلەتلەر قاپلىدى.

تورداش «قىزغىن ئاھالە» فوتوسى

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋۇشىڭ شىمالىي يولى غەربىي 1-كوچىسىدىكى بىر ئەخلەت پونكىتىدا، نەق مەيدان پاكىز بولۇپ، ھەممە يەرنى ئەخلەت قاپلاپ كېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تورداش «قىزغىن ئاھالە» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋۇشىڭ شىمالىي يولى غەربىي 1-كوچىسىدىكى بىر ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئەخلەت پونكىتىدا ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن، ئىلگىرى قارنىڭ ئاستىدا قالغان ئەخلەتلەرنىڭ ئېچىلىپ قېلىپ، شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. تورداشلارنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى شىندادى مەھەللىسى ئەخلەت تازىلاش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلىغان.

  مۇخبىر 3-ئاينىڭ 20-كۈنى نەق مەيدان زىيارىتى قىلىپ، ئەخلەت پونكىتىنىڭ ئالدىدىكى ئەخلەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي پاكىز تازىلانغانلىقىنى بايقىدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى شەرقىي 4-كوچىسىدا يول يۈزى كولانغاندىن كېيىن قايتا تىندۇرۇلمىغان.

ليۇ جۈن فوتوسى

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى شەرقىي 4-كوچىسىدىكى يوللار قايتىدىن تىندۇرۇلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ جۈن سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى شەرقىي 4-كوچىسىدا يەر يۈزى كولانغاندىن كېيىن، ئىزچىل تىندۇرۇلماي، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرقىي 4-كوچىسى ئەتراپىدىكى لۈفېڭ 1-كوچىسى، شىخۇڭ شەرقىي يولى شىمالىي 13-كوچىسىدىكى تەخمىنەن 150 مېتىر كېلىدىغان پىيادىلەر يولى بۇلتۇر كولانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشنىڭ «ئايىغى چىقماي»، يولۇچىلار ئۇزاققىچە كوچىدىكى تاشيولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولغان، ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇرغاچقا، ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى لۈفېڭ 1-كوچىسىدا پىيادىلەر يولى كولانغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىغاچقا، پىيادىلەر كوچىدىكى تاشيولدا مېڭىشقا مەجبۇر بولدى.

ليۇ جۈن فوتوسى

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ جەنۇبىي يولى لۈفېڭ 1-كوچىسىدىكى نەق مەيداندا قۇرۇلۇش باشلاندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى

  بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىش تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى لۈيىن مەھەللىسى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن بىلەن پائال ئالاقىلاشقان، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ تىندۇرۇشى ئارقىلىق، نۆۋەتتە، نەنخۇ جەنۇبىي يولى شەرقىي 4-كوچىسىنىڭ يول يۈزى ئەسلىگە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنمۇ نەنخۇ جەنۇبىي يولى لۈفېڭ 1-كوچىسى، شىخۇڭ شەرقىي يولى شىمالىي 13-كوچىسى پىيادىلەر يولىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى باشلىغان، نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش خادىملىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەخمىنەن بىر ئاي ئىچىدە ئىككى كوچىنىڭ پىيادىلەر يولىدىكى قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.