3-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان خىيالىي تۇيغۇدەك گۈزەل «سۇ ئۈستىدىكى يارداڭ» مەنزىرىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى.
تۇز كاندۇكلىرىدىكى سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان كىرىستاللار ئۇزۇن مەزگىل شامالنىڭ ئۇپرىتىشى ۋە ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرۈشى بىلەن «سۇ ئۈستىدىكى يارداڭ»نى شەكىللەندۈرۈپ، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاجايىپ مەنزىرىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تۇزلۇق كۆل − لوپنۇر كۆلى ئىلگىرى بىر مەھەل قۇرۇپ كېتىپ، كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»غا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جاينىڭ كالىيلىق تۇز بايلىقىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، يۈز چاقىرىملىق تۇز دەرياسى ۋە تۈمەن گېكتار تۇز كۆلىكىدە زۇمرەتتەك گۈزەل مەنزىرە قايتا نامايان بولدى.
ئاپتورلار: جاڭ دا، جاڭ كەي
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى