تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىز پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى

  بۈگۈن 11-قېتىملىق خەلقئارا ئورمان كۈنى، بۇ يىلقى باش تېما «ئورمان ۋە ساغلاملىق».

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، سىجىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى ئۇدا ئېشىپ، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئورمان بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئورمان كۆلىمى 3 مىليارد 465 مىليون موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۈنئىي ئورماننىڭ ساقلىنىش كۆلىمى 1 مىليارد 314 مىليون موغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋۇ شيۇلى مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 1 مىليارد 20 مىليون مو ئورمان بىنا قىلىندى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %24.02كە يەتتى، ئورمان زاپىسى يىغىندى مىقدارى 19 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، ئۇدا 30 نەچچە يىل ئورمان كۆلىمى، زاپاس يىغىندىسى جەھەتتە قوش ئېشىشىنى ساقلىدى.

  جۇڭگو كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، قۇملىشىش، چۆللىشىشنى ئۇزاق ۋاقىت، كەڭ كۆلەمدە تۈزەپ، جۇڭگونىڭ تاغ-دەريالىرىنى، كەڭ زېمىنىنى، شەھەر-بازارلىرىنى، كەنتلىرىنى كۆكەرتىپ، گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئورمان بايلىقىنى كۆپەيتىشكىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جۇ چىڭكې مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن 20 يىلدا يەر شارى ئۈزلۈكسىز «يېشىللاشقان» بولۇپ، پەقەت جۇڭگودىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېشىش مىقدارىلا ئاز دېگەندىمۇ پۈتۈن يەر شارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي ئېشىش مىقدارىنىڭ %25ىنى ئىگىلىگەن، جۇڭگونىڭ پۈتۈن يەر شارىنى كۆكەرتىشكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ %42ى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتىن كەلگەن.

  دۆلىتىمىز 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى

  دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى نۆۋەتتە «دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ھەرىكەت پىلانى بويىچە، 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، ھەر يىلى 100 مىليون مو دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشكە، 20 مىليون مودىن تۆۋەن بولمىغان سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش بوشلۇقىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى باھالاش ئاساسىدا، نۇقتىلىق ھالدا ئادەتتىكى چاتقاللىق، شالاڭ ئورمانلىق، ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان ئوتلاق ۋە شورلۇق يەر، قۇملۇق يەر قاتارلىق باشقا يەرلەردىن بوشلۇق ئېلىپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئورمان بىنا قىلىش بوشلۇقىنىڭ 200 مىليون مودىن تۆۋەن بولماسلىقى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  ​دۆلەت ئورمانچىلىق-ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋۇ شيۇلى مۇنداق دېدى: دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى تۈزەش ئۇسۇلىنى بىرلا خىل ئېكولوگىيە مۇھىم ئامىلىنى تۈزەشتىن كۆپ خىل مۇھىم ئامىللىق، پۈتۈن دەۋرىيلىك سىستېمىلىق تۈزەشكە ئۆزگەرتىپ، تۈزەش نىشانىنى ئاددىي بولغان «يېشىللاشتۇرۇش»تىن ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەتتىن ئىبارەت كۆپ خىل فۇنكسىيە ئۈنۈمىگە ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆزگەرتىشكە يۈزلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.