تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدا ئاڭلىغان-كۆرگەنلەر | ھەيۋەتلىك! بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى مىليون كالا-قوي ئەتىيازلىق ئوتلاققا كۆچۈرۈلدى

   ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ھازىر، دەل چارۋىلارنىڭ ئەتىيازلىق ئوتلاق كۆچۈش مەزگىلى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقىدا مىليون تۇياق چارۋا ئارقا-ئارقىدىن قىشلاقتىن ئەتىيازلىق يايلاققا كۆچۈرۈلدى. كۆك ئاسمان، قارلىق تاغلار، ھەيۋەتلىك كېتىۋاتقان پادىلار شۇ جاينىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە ئايلانغانىدى. تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىۋاتقان قوي-كالىلارنىڭ ئاۋازى ۋە چارۋىچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى بايىنبۇلاق يايلىقىدا ياڭراپ تۇراتتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق ئوتلاق كۆچۈش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن قويلار توپىنى مەنزىلگە بىۋاسىتە توشۇيدىغان بولدى. ھازىر، بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ چارۋىلارنى سىغدۇرۇش مىقدارى بىر مىليون تۇياققا مۇقىملاشتى. بۇ يىل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق ئوتلاق كۆچۈشى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

رېژىسسور: دۇ جيەنخۇي

ئوپېراتور: يىن لىن، باتېردالا، گەن مىڭلياڭ، شېن كەيلۇڭ

ئىشلىگۈچى: دۇ جيەنخۇي

​نازارەتچى: فېڭ يۇڭفاڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.