تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل 100دىن كەم بولمىغان ئىگىلىك تىكلەش بازىرى قۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە 100دىن كەم بولمىغان ئىگىلىك تىكلەش بازىرى قۇرۇپ، تۆۋەن تەننەرخلىق، قولايلاشقان، تولۇق ئامىللىق، ئېچىۋېتىلگەن ئىگىلىك تىكلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى خاسلىققا ئىگە، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىرى قۇرۇپ، بىكار تۇرغان ئۆي، مەيدان ۋە ئەسلىھەلەرنى بىرىكتۈرۈپ پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى، ئىگىلىك تىكلەش بازىرى قۇرۇپ، 6700دىن كەم بولمىغان تىجارەت نۇقتىسىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تەرتىپلىك يېتەكلەيدىكەن.

2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىگىلىك تىكلەش بازىرىدىن جەمئىي 46نى قۇردى، 2686 يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار 3226 كىشىگە يەتتى، ھەر خىل كىشىلەر توپى، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى تېخىمۇ كۆپ مەيدان مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

    تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كۈنلۈكچىلەر بازىرى، كۈنلۈكچىلەر بېكىتى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، كەسىپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى + ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى + كۈنلۈكچىلەر بازىرى (بېكەت) مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى، سىرتتىن كەلگەن ئىشلىگۈچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى تەقسىم قىلىنغاندا مايىللاشتۇرۇلدى.

2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي تۆت كۈنلۈكچىلەر بېكىتى قۇرۇلۇپ، كۈنلۈكچى خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، خىزمەت ئىزدەشنى تىزىملاش، كەسىپىي تەربىيەلەش، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكلەش، ئادەم ئىشلىتىشنى تىزىملاش، كەسىپ بىلەن تەمىنلەش-تەلەپ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەندى، كۈنلۈكچىلەر ئۈچۈن ئىللىق ئائىلە بەرپا قىلىنىپ، كۈنلۈك ئىشلەش ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

​شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تۈرتكىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، توردا پارچە سېتىش، كۆچمە سەپەرگە چىقىش، توردا ئوقۇتۇش-يېتىشتۈرۈش، ئالاقە تورى ئارقىلىق داۋالاش، توردا كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېشىش نۇقتىسى يېتىلدۈرۈلدى. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشسىزلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ يەككە سودا-سانائەتچىلەر، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە سۇپىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.