3-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى 80 ياشلىق ياشانغان كىشى قاسىمجان مەمەت خۇشال ھالدا دۆربىلجىن ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن C2 پىراۋا ئالدى، بۇ دۆربىلجىن ناھىيەسى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» بويىچە 12 تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى چوڭ ياشلىق ياشانغان كىشىنىڭ پىراۋا ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، قاسىمجان مەمەت 78 يېشىدا قەشقەردە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ ئۆگىنىپ، 1-تۈردىكى ئىمتىھاندىن تولۇق نومۇر ئېلىپ ئۆتكەن. بۇ يىل دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى شوپۇرلۇق مەكتىپىدە 3-ۋە 4-تۈر ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ھەمدە بىر قېتىمدىلا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، C2 پىراۋىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى پىراۋا ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان يېشى ئەڭ چوڭ ئىمتىھان بەرگۈچى بولۇپ قالغان.
(دۆربىلجىن ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى باقىتگۈل مۇرات)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى